ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  •               قەدىمقى يۇرت-ئىلى

                        

                         بىز مەملىكىتىمىزدە نەشر قىلىنغان تارىخنامىلاردىن ئىلى ۋادىسىنىڭ تارىخى ۋە بۇيەردە ياشىغان قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا دائىر بايانلارنى كۆپلەپ ئۇچرىتىمىز .يۇقىردا تىلغا ئېلىنغانشىنجاڭدا ھاكىميەت تەسىس قىلىش تەزكىرىسى دىگەن ئەسەرنىڭ 2-كىتابىدا مۇنداق بايان قىلىنىدۇ

  • ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى توغرىسىدىكى فىلىم

         فىلىمنىڭ ئەسلى نامى «يىتىم قىزنىڭ مۇھەببىتى 孤女恋›› بۇ فىلىمنى 1986-يىللىرى تەڭرىتاغ سىتودىيەسى باشقا ئۇرۇنلار بىلەن بىرلىشىپ ئىشلىگەن ئوخشايدۇ! مەن ئېلگىرى كۈرۈپ باقممىغان ئىكەنمەن! ئاساسلىق روللارنىڭ كۆپۈنچىسىدە ئۇيغۇرلار چىقىپتۇ! ھەربىي كىيم ، بايراق ، پاگۈن ، كاكارلارغا دىققەت قىلىڭ! مىللىي ئارمىيەنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ھەيۋىسىنى خېلى يۇرۇتۇپ بىرىپتۇ!...

  •  

    سوپاخۇن سوۋۇروف ھەققىدە ستالىنغا يوللانغان مەلۇمات (2)

     لاۋرېنتى بېرىيا باشچىلىقىدا ئېچىلغان ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىسسارىياتىنىڭ يىغىنىنىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي ئالاھىدەھەرىكەت پىلانى قوبۇل قىلىنغان. يىغىن خۇلاسىسى سۈپىتىدە يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلارخەلق كومىسسارىياتى (ن ك ۋ د) پەۋقۇلئاددە ۋەزىپىلەر باشقارمىسىنىڭ باشلىقى گېنېرال مايور ۋلادىمىرستېپانوۋىچ ئېگناروۋ بىلەن ن كۋ د 4-باشقارمىسىنىڭ باشلىقى گېنېراللېيتېنانت ئالېكساندىر ئىۋانوۋىچلاڭفاڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى. مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ شىتابى ئالمۇتا شەھىرى ۋە چېگرا پونكىتى قورغاسقا جايلاشتى[16].

  •  

    سوپاخۇن سوۋۇروف ھەققىدە ستالىنغا يوللانغان مەلۇمات (4)

     

    مىرزىگۇل ۋە ئاسىلخان باشچىلىقىدىكى بۇ ئەترەتنىڭ تەركىبىدىكى  ئىككى ئېسكادروندا   تېگى ئۆزبېكىستانلىق  ئۇيغۇرلاردىن، سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرلىرىدىن  قوچقاروف ۋە يەتتەسۇلۇقلاردىن مىرزىگۈل ناسىروف قاتارلىق كوماندىرلار بار ئىدى.   مەلۇم بولۇشىچە،  ئازغىنا بۇ ياردەمچى ئېسكادرونلارنى ئەلىخان تۆرە ئاقسۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۆزى بىۋاسىتە بۇيرۇق بىلەن ئەۋەتكەن بولۇپ، ئەمەلىيەتتە  بۇ  غۇلجىدىكى  جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان مۇھاپىزەت باتالىيونىدىن ئىبارەت ئىدى. سوپاخۇننىڭ يېزىشىچە، مەزكۇر مۇھاپىزەت ئەترىتىدە كۆپ ساندا ئۆزبېك پەرزەنتلىرى بولغان ئىكەن. ئەلۋەتتە،  بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقى تەبىئىي. ئەينى ۋاقىتتا غۇلجا شەھىرىدە بۇ باتالىيوندىن باشقا يېتەرلىك كۈچ يوق بولۇپ، ھەممىسى ئالدىنقى سەپتە ئىدى.

  • سوپاخۇن سوۋۇروف ھەققىدە ستالىنغا يوللانغان مەلۇمات (1)

    « مەن كەچكەن كېچىكلەر» دىكى سوۋېت جاسۇسلىرى
    نەبىجان تۇرسۇن
    (تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

    سوپاخۇن سوۋۇروف 20-ئەسىرئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم شەخسلەرنىڭ بىرى. ئۇ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ھەربىي ئىشلار تارىخىدا ئاددىي بىر قوزغىلاڭچىدىن مەخسۇس ھەربىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ، ئىزۋوت، روتا ۋە پولك كوماندىرىلىق دەرىجىسىگىچە بولغان 20 يىللىق ھەربىي مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن شۇنىڭدەك ئۆز قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلىپ، بىۋاسىتە قانلىق جەڭلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن ھەربىي قوماندانلارنىڭ بىرىدۇر. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئەڭ شاۋكەتلىك قىسىمى 1945-يىلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىدىن يۈز ئۆرۈپ، بىر روتا ئۇيغۇر ئەسكەرنى باشلاپ، ئىلى ھۆكۈمىتى تەرەپكە ئۆتۈشى ھەمدە ئۇنىڭ ئاقسۇ جەڭ مەيدانلىرىدىكى ھەربىي پائالىيەتلىرى بىلەن ئالاھىدە مۇناسىۋەتلىكتۇر، بەلكى ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ بۇ سەھىپىسى بولمىغان

  •   

     (سوپاخۇن سوۋۇروف ھەققىدە ستالىنغا يوللانغان مەلۇمات (3

    3. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلىغا ئەۋەتكەن دەسلەپكى بەش قوراللىق ئەترىتى

    تارىخىي پاكىتلار ئىسپاتلىدىكى ، سوۋېت ئىتتىپاق تەرەپ گېنېرال ئېگناروۋ كەلگەندىن كېيىن قوزغىلاڭچىلارغا قورال-ياراق ياردىمى كۆرسىتىشكە  كىرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما تېزدىن كۆپ ساندا ئەسكىرى كۈچ ئەۋەتمىدى.  سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ   نىلقا قوزغىلىڭىدىن تارتىپ، 1945-يىلىنىڭ باھار ئايلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىلىغا ئەۋەتكەن قوراللىق ئەترەتنىڭ بەش ۋە ئومۇمىي ئادەم سانىنىڭ  600 ئەتراپىدا ئىكەنلىكى رەسمىي سوۋېت مەخپىي ئارخىپلىرى ئارقىلىق ئاشكارىلاندى.    سوۋېت ئىتتىپاقى  ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتىنىڭ كومىسسارى  لاۋرېنتى بېرىيا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت بىخەتەرلىك كومىسسارىياتىنىڭ كومىسسارى  ۋسېۋولود  مېركۇلوۋنىڭ  1945-يىلىنىڭ بېشىدا ستالىن ۋە تاشقى ئىشلار خەلق كومىسسارى  ۋىچېسلاۋ مولوتوۋقا  يوللىغان دوكلاتىدا مۇنداق مەلۇمات بېرىلگەن ئىدى:   ” يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ  تەلىپىگە  بىنائەن قوزغىلاڭچىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن  گېنېرال ئېگناروۋنىڭ باشچىلىقىدا  كېرەكلىك ئالاقە  ئەسلىھەلىرى ۋە پارتلىتىش مۇتەخەسسىسلىرى ئەۋەتىلدى.

  • 5.   سوپاخۇننىڭ  قەلىمى ئاستىدىكى  << سوۋېتلىكلەر>>
    << مەن كەچكەن كېچىكلەر>> دىكى سوۋېت جاسۇسلىرى
    نەبىجان تۇرسۇن ( تارىخ پەنلىرى دوكتورى)
    سوپاخۇن سوۋۇروف ئۆزىنىڭ <<مەن كەچكەن كېچىكلەر>> ناملىق ئەسلىمىسىدە بىر  قىسىم سوۋېت ئىتتىپاقى  مەسلىھەتچىلىرى ۋە ئوفىتسېرلىرىنى شۇنىڭدەك مىللىي ئارمىيە باش قوماندانى پالېنوۋنى  تىلغا ئالىدۇ.   بولۇپمۇ ، ئۇنىڭ بىلەن  بىرگە ئاقسۇغا ئەۋەتىلگەن سوۋېت ئىتتىپاقىلىق ھەربىي مەسلىھەتچىلەر زاكىر تۆرە بىلەن ئىسكەندەر ئەپەندى ئۇنىڭ قەلىمى ئاستىدا  بىر قەدەر كۆپرەك تەسۋىرلىنىدۇ.
  •  

    ئىلىدا مانجۇر تائىپىلىرى ھەم تارانچىلار

    مانجۇلار يېڭى ئىقلىملىرى بولغان جوڭغارىيەنى شەرقتىكى يېرىنىڭ قورغىنى ھېسابلىغانلىقى سەۋەبىدىن، بۇ يېڭى ئىقلىمدا، ئاياقلىرىنى مەھكەم بېسىپ تۇرۇشنى لازىم كۆردى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يېڭى يەرگە ناھايتى چوڭ ئولگۇنلەر (؟) ئىلە جاڭجۇڭ ( باسقاق ) تەيىن قىلدى؛ دېمەك، بۇ تەرەپتىكى ھەممە ئىختىيار ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدى. جاڭجۇڭ ئىلى بويىداخۇيئەن ( كونا كۈرە ) ناملىق ئۆزىگە مەخسۇس قورغانلىق شەھەر سالدۇردى ۋە غۇلجا شەھىرىنىڭ بىقىنىدا خۇينىنچىن ( بايانداي ) ناملىق ناھايتى مەھكەم بىر قورغان سالدۇرۇپ، مانجۇلارنى ئورۇنلاشتۇردى

  • ئىلى ۋىلايىتى تارىخى

    نەزەر غۇجا ئابدۇسېمەتۇف ( ئۇيغۇر بالىسى )

    مۇھەررىردىن : ئۇيغۇر دېموكراتىك ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋەكىلى، ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارى، تەرەققىيپەرۋەر شائىر، يازغۇچى، تارىخچى، ئالىم نەزەر غۇجا ئابدۇسىمەتۇف ( ئۇيغۇر بالىسى ) 1887 – يىلى ھازىرقى قازاقىستاننىڭ غالجات يېزىسىدا تۇغۇلۇپ، 1951 – يىلى كۈزدە چاپچال ناھيىسىنىڭ  جاغىستاي يېزىسىدا ۋاپات بولغان. نەزەر غۇجىنىڭ دادىسى ئابدۇسېمەت ئىلى دىيارىدا تۇغۇلغان بولۇپ، 4860 – يىللىرى پارتلىغان ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭىغا ئاكتىپ قاتناشقان. موللا بىلال ئەسەرلىرىنى قول يازما ھالتىدە كۆپ ئوقۇغان ئىكەن. شۇڭا، ئۇنى ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭى ۋە شۇ مەزگىلدىكى نۇرغۇن تارىخى ۋەقەرلەرنىڭ شاھىدى دىيىشكە بولىدۇ. نەزەرغۇجا دادىسىنىڭ تەسىرىدە كىچىكىدىنلا تارىخ ۋە ئەدەبىياتقا قىزىقىشقا باشلىغان.

  • ئىلى ۋىلايىتى تارىخى

    ” ئىلى ” ئەسلىدە تېكەس، ئاقسۇ، ئاغىياس، كۆكسۇ، كۈنەس، قاش دەريالىرىدىن تەركىپ تاپقان ۋە ئالىتاغدىن چىقىپ بالقاش كۆلىگە قۇيۇلىدىغان دەريانىڭ ئىسمىدۇر. ئىلىنىڭ سۈيى ئەلۋەك، يېرى كەڭرى، توپىسى ئۈنۈملۈك، ھوسۇلى مول، تاغ – تۈزى تۈرلۈك مەدەنلەرگە باي، تاش – كۆمۈرى تولا، ھاۋاسى تازا، جوغراپىيە جەھەتتىن كونا ۋە يېڭى مەركەزلىرىنى، يەنى ئالمالىق، غۇلجا، قاينۇقلارنى ئېتىۋارغا ئالغان چاغدا، 43 – 44 دەرىجە ئەرز شىمالى

  • ئىلىدا جوڭغارلار دۆلىتىنىڭ تەشكىلى

    16 – ئەسىردە يەتتىسۇدا قالماق، قازاق، قىرغىز ئۇرۇشلىرى بولۇپ تۇردى. 17 – ئەسىرنىڭ بېشىدا قازاقلار قالماقلار تەرىپىدىن قوغلاندى. 1634 – مىلادىيە تارىخىدا ئىلىدا جوڭغار خانلىقى تەشكىل قىلىندى. باشلىقلىرى مۇڭغۇل باتۇرلىرىنىڭ ئۇدۇمىدىن، غالدان ئاتىلاتتى. غالدان مۇڭغۇل قەبىلىلىرى بىلەن ئۆزئارا ئۇرۇشلاردا ئۈستۈن چىقىپ، غالىپ بولدى. بۇ ئىلى  ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنى قولغا كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ئالتىشەھەرنى زەبىت قىلىشنىڭ پېيىغا كىرمىشلەر ئىدى. بۇ چاغدا ئالتىشەھەرنى چاغاتاي ئۇدۇمىدىن ئىسمايىل خان سوراپ تۇراتتى. ئىسمايىل خان بىلەن ھاكىميەت تالىشىپ يۈرگەن مەخدۇم ئەزەم ئەۋلادىدىن ئاپپاق غۇجا لەقەملىك ھىدايىتۇللا ئىسىملىك كىشى بار ئىدى. ئاپپاق غۇجا ئىسمايىل خانغا ئۆزىنىڭ تەڭ كىلەلمەسلىكىنى بىلەتتى.